Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گوللىستراند
دۇنيا تارىخى
格尔斯特兰德
gé ěr sī tè lán dé
(1862 - 1930) شۋېتسىيىلىك كۆز كېسەللىكلىرى ئالىمى. گېئومېتىرىك - ئوپتىكا ئالىمى. ئوپسالا، ۋىنا، ستوكھولىمد ئوقۇغان، دوختۇر بولغان. 1894 - 1927 - يىللىرى ئوپسالا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئادەم كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىلمىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، 1911 - يىلى نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان، شۇنداقلا نۇرنىڭ چۈشۈشى نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە كۆز تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى ياخشىلىغان. ئۇنىڭ <ئادەم كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىلمىنى تونۇشتۇرۇش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.