Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۆدەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېشى كىچىك، ئاقىل ۋە بالىغ بولمىغان.
«سەبىي، سەغىرە، نارەسىدە» لە كۆپىنچە قىز بالىغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
گۆدەك گۆدەكلىكىنى قىلماي قويمايدۇ. قېرى كىشى بولسا نادان ۋە جاھىل، ئەقىللىق گۆدەكنى ئۇندىن ئەۋزەل بىل. سەبىي بالىغا دادىسىنىڭ ساقلىمۇ قورغان. سەغىرە قىز - پاك قىز. نارەسىدە قىزنى زورلاپ ئەرگە بەرمەك - جىنايەت. ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بىر بالا بىلەن تەڭ بولۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن شۇ سەبىي بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى كۆرۈپ، ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئېمىدىغان، قۇچاقتىن چۈشمىگەن بوۋاق.
مەن بۇ يەرگە ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى گۆدەك ۋاقتىمدا كەلگەنىكەنمەن.
كۆچمە. تۇرمۇش تەجرىبسىگە ئىگە بولمىغان، خام - ساددا كىچىك.
سىز تېخى گۆدەك ئىكەنسىز، مۇھەببەتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە يەتمەيدىكەنسىز، بېرىپ كىچىك بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناڭ.