Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گودېسبېرگ ئۇلتىماتۇمى
دائىرە: دۇنيا تارىخى戈德斯堡备忘录
gē dé sī bǎo bèi wàng lù
فاشىست گېرمانىيىنىڭ چېخوسلوۋاكىيىنى پارچىلايدىغان دېپلوماتىك ھۈججىتى.گىتلېر 1938 - يىل 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيىدىكى گودېسبېرگدا چېمبېرلىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، چېخوسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىدىن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىلگىرى سودىت رايونىدىن بارلىق ئارمىيە، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى؛ گېرمان ئاھالىسى 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق بولغان رايونلارغا گېرمانىيە ھەربىي ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈشنى، قالغان رايونلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن ئىلگىرى پۇقرالار ئاۋازغا قويۇپ ھەل قىلىشنى يولسىزلارچە تەلەپ قىلغان. ئىككىنچى كۈنى، گېتلىر يۇقۇرقى تەلەپلىرىنى چېمبىرلىنغا ئۇلتۇماتۇم شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلتۇماتوم چېخىسلوۋاكىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلشىغا ئۇچرىغان. ئەنگىلىيە، فىرانسىيەلەر ئىتتىپاقداشلىرىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلتۇماتومنىڭ ئاساسى تەلەپلىرىنى ئاخىر قۇبۇل قىلىپ، چېخىسلوۋاكىيەگە ساتقۇنلۇق قىلىنغان <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.