Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گوچ
دۇنيا تارىخى
古奇
gǔ qí
(1873 - 1968) ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ كېمبرىج داشۆسىدە ئوقۇپ، كېيىن بېرلىن داشۆسى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئۇقۇغان. 1905 - 1910 - يىللىرى لىېبرالىستلار پارتىيىسنىڭ ئەزاسى بولغان. 1911 - يىلىدىن كېيىن لىېبرالىستلار پارتىيسىنىڭ ئايلىق ژورنىلى <ھازىرقى زامان ئوبزورچىلىقى>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1922 - 1925 - يىللىرى ئەنگلىيە تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان، ئىلىم - پەن جەھەتتە گېرمانىيىگە يېقىنلىشىش خاھىشىدا بولغان، ئىلىم - پەن جەھەتتە دەسلەپتە گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس لانېرنى ئىززەتلىگەن، كېيىنچە تويىنجېنىڭ تارىخىي فورماتسىيە ئىلىمىنى مەدھىيلىگەن. ئۇ ئاساسلىقى خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تارىخى، گېرمانىيە تارىخى ۋە تارىخشۇناسلىق تارىخىنى تەتقىق قىلغان. <گېرمانىيە بىلەن فرانسىيە زور ئىنقىلابى>، <1871 - 1914 - يىللاردىكى فرانسىيە - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى>، <يېقىنقى زامان ياۋرۇپا تارىخى>، <ⅨⅩ ئەسىر تارىخى ۋە تارىخشۇناسلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە <كىمنېرىخ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتى تارىخى> ۋە <ئەنگلىيە ئۇرۇشى مەنبەسىنىڭ ھۆججەتلىرى، 1898 - 1914 - يىللار> ناملىق ئىككى مەجمۇئەنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىرىدىن بىرى بولغان.