Uyghurئاساسىي لۇغەت
گلوبۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر شارىنىڭ قەغەز، تاختا قاتارلىق تەكشى نەرسىلەرگە سىزىلغان تەسۋىرى. ئايرىم مەملىكەت، رايوننىڭمۇ خەرىتىسى بولىدۇ.
« ئاتلاس » خەرىتىلەر مەجمۇئەسى.
« گلوبۇس » مەخسۇس يەر شارى شەكلىدە ياسالغان.
دۇنيا خەرىتىسى؛ جۇڭگو خەرىتىسى؛ شىنجاڭ خەرىتىسى. دۇنيانىڭ تەبىئىي خەرىتىسى؛ شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي بۆلۈنۈش خەرىتىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش خەرىتىسى. ئەڭ بۇرۇنقى دۇنيا خەرىتىسى مىلادىدىن 600 يىل بۇرۇن بابىل _ ئاسۇرىيدە سىزىلغان. مەكتىپىمىزدىكى ئاتلاستىن تولۇق پايدىلىنىمىز. تۇرسۇن مۇئەللىم جۇغراپىيە دەرىسىدە چوڭ گلوبۇسنى ئۇنتۇماي سىنىپقا ئەكىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
جۇغراپىيە
يەر شارىنىڭ مودېلى. تەگلىكى بار جازىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۈستىگە دېڭىز - ئوكيان، قۇرۇقلۇق، دەريالار، تاغ تىزمىلىرى، پاراللېل ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرى قاتارلىقلار سىزىلغان بولىدۇ. ئادەتتە ئوقۇتۇش ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.