Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىلان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
16 - ۋە 17 - ئەسىردە ئىراننىڭ گىلان رايونىدىكى خەلقنىڭ سافى خاندانلىقىنىڭ فېئداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە زۇلمىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. 1570 - 1571 - يىللىرى ۋە 1591 - 1592 - يىللىرى ئىككى قېتىم پارتلاپ، باستۇرۋېتىلگەن. 1629 - يىلى پىلىچىلىك مەركىزى بولغان لاھىجان ۋە رەشتتە يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنى قوغىلىۋەتكەن ياكى ئۆلتۈرۋەتكەن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇ - جايلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە پادىشاھ ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر قوزغىلاڭچىلار كۈچىدىن پايدىلىنپ ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، يەرلىك خاندانلىقنىڭ ئەۋلادلىرىنى يولباشچى قىلىپ تىكلەپ، <ئادىل شاھ> (<ئادىل پادىشاھ> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، 1629 - يىلدىكى قوزغىلاڭمۇ ئادىل شاھ قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پادىشاھنىڭ زور قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، تەخمىنەن 8000 قوزغىلاڭچى جەڭدە قۇربان بولغان، ئادىل شاھمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلۈپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.