Uyghurئاساسىي لۇغەت
غىزا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەغزىيە. ئوزۇق، يېمەكلىك، تائام، غىزا؛ ئىچىملىك:
كى ئاندىن كەتۈردى ئۆزىگە غىزا،
قىلۇر ئېرمىش ھەر كۈن بۇ يەڭلىغ سەزا.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
قەدرىنى نامۇناسىپ ئەل بىلمەس،
ئەھلى مەشرەب غىزاسىدۇر كۆك چاي.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك، تائام، تاماق.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاشقىرىقى بازاردىن ئۆتۈشتە چۈشلۈك غىزاغا ئاتاپ نان، سامسا، كاۋاپ، گۆش ئېلىۋالغانىدى.