Uyghur←Englishئاساسىي لۇغەت
غۇزلار
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەرHu
<غۇز> - ئومۇمەن خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي يۇرتتا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ قەدىمكى زاماندا، خەنزۇچە تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان ھۇنلارنى ياكى شىمالدىكى ھۇنلارنى <غۇزلار> دەپ ئاتىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ غەربىدىكى غەربىي يۇرتتا ياشىغۇچى مىللەتلەرنى <غەربىي غۇزلار> دەپ ئاتىغان. ئۇلار تۇخارلار (باكتىرىيىلىكلەر)، چوڭ توخرىلار (ئۇلۇغ ياۋچىلار)، ساكلار، تۈركلەر، ئۇسۇنلار قاتارلىق كۆكئارت (پامىر) تېغىنىڭ شەرقىدە ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنى، جۈملىدىن كۆكئارت تېغىنىڭ غەربىدىكى سوغدلار، كانكىئۇنلار، فەرغانىلىقلار، كۇشانلار، ئارساكلار، ئېفتالىتلار، ھەتتا رىملىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كىرگەن ئۆسۈملۈك ۋە ماللارنىڭ ھەممىسىگە <خۇ> (غۇز) دېگەن خەت قوشۇپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئىنگلىزچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.