Uyghurئاساسىي لۇغەت
غۇرۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەغرۇرلىنىش؛ ۋاقتنىچە كەلگەن دۆلەت ياكى مەنسەپ بىلەن ئالدىنىش، تەكەببۇرلۇق:
بۇ نەۋەبەت جامنى قويماس ئىچۈرمەي ساقىئى دەۋران،
غۇرۇر ئەتمەي تەۋاناكىم بىرىنى ناتەۋان كۆرگەچ.
مەشھۇرى.
مۇنچە ھەم بولمىش غۇرۇرى ھۇسن شەيدا تۇرفەكىم،
دېمەگەيسەن ھەرسارىدىن يۈز گىرىفتار ئولسە بەس.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەغرۇرلۇق، غۇرۇر؛ ئالدانماق، بېرىلمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شان - شەرەپ ھېسسىياتى.
ۋەتەن بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز. مەدەنىي مىراسلىرىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز. غۇرۇر - ئىنسانىي خۇسۇسىيەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىنىڭ ئۆز قەدىر - قىممىتىنى بىلىش ھېسىي، ئىززىتى - نەپسى.
دادىڭىز ھەقىقەتەنمۇ غۇرۇرى بار، توغرا يول بىلەن ياشاشقا ئېتىقاد قىلغان ئادەم ئىدى.
كىشىلەرنىڭ بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن بولۇش ھېسىياتى؛ پەخىر، ئىپتىخار.
تۆمۈر خەلپە غالىب سەركەردىلەرگە خاس غۇرۇر ۋە سالاپەت بىلەن يىگىتلىرىنى باشلاپ قورايغا قايتقاندا، خەلق توپى خۇددى توي تارتىپ كەلگەن يىگىتلەرنى قارشى ئالغاندەك، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
كىشلەر پەخىرلىنىشكە ئاساس بولىدىغان نەرسە.
مەھمۇت قەشقىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرى.