Uyghurئاساسىي لۇغەت
غۇربەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇساپىرلىق، غېرىبلىق، بىچارىلىك، يالغۇزلۇق، ۋەتەنسىزلىك:
ئۇ دۇنيا:
1. غۇربەت ئىچرە، ئەي كۆڭۈل، ئەلدىن ۋەفا ئىستەرنى قوي،
چۇن ۋەفاسىن كۆرمەدىڭ ھەرەىز دىيارۇ يارنىڭ.
بابىر.
2. بارچە غۇربەتغە خىرام ئەيلەدىلەر،
خۇلد باغىنى مەقام ئەيلەردىلەر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غېرىبلىق، چەت يۇرتتا ياشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يوقسۇزلۇق، كەمبەغەللىك، نامراتلىق.
تىرىكلەر چۆرى - قۇل، ئىت ئورنىدا خار، ئۆزىنىڭ يۇرتىدا غۇربەتكە دۇچار.
مۇساپىرلىق، غېرىبلىق.
كەمىنىلىرى غۇربەتتە يۈرۈپ، ھاياتىمدا ئاتا - ئانامنى كۈتەلمىدىم.