Uyghurئاساسىي لۇغەت
غۇلجىدىكى تۇڭگان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە بولۇپ، بۇرۇن « نىڭگۇ مەسچىتى »، « شەنشى مەسچىتى » دەپ ئاتالغان. 1760 _ يىلى سېلىنغان ( بەزىلەر ئۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل كېيىن سېلىنغان دەيدۇ ). ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، شىئەننىڭ جۇاجۆ كوچىسىدىكى مەسچىتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ مەسچىتكە 1 مىڭ 500 گىچە ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىتتە دىنىي مەكتەپ بولۇپ ، سىنىپلار يۇقىرى يىللىقلار ۋە تۆۋەن يىللىقلارغا ئايرىلغان. يۇقىرى يىللىقلارغا ئاخۇنۇم دەرس ئۆتىدۇ؛ تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلارغا يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئۆتىدۇ.