Uyghurئاساسىي لۇغەت
غۇلام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇل؛ خىزمەتكار، مۇلازىم، مۇلازىم بالا:
كەر بالادۇر جەكەرانى ئالى مەرۋان قايدا سەن،
مەن غۇلامۇ ھەيدەرۇ دۇلدۇل سۇۋارى ئاشىقان.
زەلىلى.
بۇ قاتىل غۇلامدىن تىلەرمىز قىساس،
چاپىڭ سىز، بولۇرمىز بەلادىن خەلاس.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوغۇل بالا، يىگىت، ياش؛ ياش خىزمەتكار، قۇل يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كونا ئوردا، سارايلاردا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى.
غۇلاملار ئۇنى ئۇدا ئون كۈن ئىزدىدى.
قۇل.
ھەر تەرەپتىن بايلار غۇلاملىرىنى ئېلىپ كەلدى. ھېچقايسى غۇلام ئەمىرلەرگە يارىمىدى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
ياش يىگىت؛ ياش چاكار؛ قۇل