Uyghurئاساسىي لۇغەت
غول Ⅰ
غول Ⅰ[يەشمىسى:] ①[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭ مۈرىباشتىن سول مۈرىباشقىچە بولغان ئارىلىق ياكى دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى:[مىسال:] غولى ئاپتاپ كۆرمىگەن. غولى كەڭ. * بۇ كىشىنىڭ كەڭ كەلگەن غوللىرىغا، يوغان ئاياغلىرىغا قاراپ، بۇرۇن ناھايىتى بەستىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ بىر قىسمى. تۆرەلمە بىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەنكى قىسمى يىلتىز بىلەن تۇتىشىدۇ، يۇقىرىقى قىسمىدا يۇپۇرماق، گۈل، مېۋە ئۆسىدۇ:[مىسال:] دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار(ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ باشتىن ئۆسۈپ چىققان ئاساسىي قىسمى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قوشۇن ۋە سەپنىڭ مەركىزىي، ئاساسىي قىسمى:[مىسال:] بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، قوشۇننىڭ غولىدا تۇرۇپ جەڭ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كارامەتلىرىنى كۆرسىتىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئومۇمىيلىق ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ياكى مۇھىم، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان؛ ئاساسىي؛ مەركىزىي:[مىسال:] غول ئۆستەڭ. غول ئېرىق.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى تاغ ياكى يار ئارىسىدىكى بوشلۇق، چوڭ جىلغا؛ سۇ يولى:[مىسال:] دۈشمەن ئالدىنىپ غول ئىچىگە كىرگەندە، تاغلىقلار تەرەپ-تەرەپتىن توسۇپ زەربە بېرىدۇ.