Uyghurئاساسىي لۇغەت
غىلاپ قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
ئادەتتە <قوڭغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرلىرى 300 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھاشاراتلار سىنىپىدىكى تۈرلەرنىڭ تەخمىنەن 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ھاشاراتلار سىنىپىدىكى ئەڭ چوڭ ئەترەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكىمۇ ئەڭ چوڭ ئەترەت ھېسابلىنىدۇ. تېنى كىچىكتىن چوڭغىچە، بەدەن دىۋارى ناھايىتى قاتتىق، پارقىراق، چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى، ئالدىنقى قانىتى مۈڭگۈزلەشكەن، قېلىن ھەم قانات تومۇرلىرى يوق بولۇپ، ھىملەشكەندە كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئۇچۇشقا ئىشلىتىلمەي، دۈمبە قىسمى بىلەن كېيىنكى قانىتىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ. غىلاپقا ئوخشاش رول ئوينىغاچقا، <غىلاپ قاناتلىقلار> دەپ نام بېرىلگەن، ئازراق تومۇر سىزىقلىرى بولۇپ، ئۇچۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. تىنچ تۇرغاندا قاتلىنىپ غىلاپ قانىتىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنىدۇ. مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. نۇرغۇنلىغان قوڭغۇزلارنىڭ يالغان ئۆلۈش ئادىتى بولۇپ ئۈركىگەن ۋاقتىدا خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلگەندەك بولۇپ يېتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، كۆپ ساندىكى تۈرلىرى قۇرۇقلۇقتا ھايات كەچۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەردە، يەر يۈزىدە ياكى تۇپراقتا ياشايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا سۇدا ھايات كەچۈرىدۇ. ئوزۇقلىنىش ئادىتى مۇرەككەپ، كۆپچىلىكى ئۆسۈملۈكخور بولۇپ ھايات ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىنى يەيدۇ، مەسىلەن، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز ياغاچ ماتېرىياللارنى تېشىپ يەيدۇ؛ پۇرچاقنىڭ لاررىدا قوڭغۇزلىرى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماي قوڭغۇزى، قىزىل باش خانقىز (گورھام)، قوغۇن سېرىقى خانقىزى ھەمدە 28 توچكىلىق خانقىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈكخور. شۇڭا ئۇلار ئورمان، زىرائەت ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاشنىڭ ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ گۆشخورلىرىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە خانقىزى قاتارلىقلار كۆپ پىت ياكى باشقا زىيانداش قۇرتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان پايدىلىق تۈرلەر بولۇپ، نۆۋەتتە زىيانداش ھاشاراتلاردىن بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىشتە ئۈنۈملۈك قوللىنىلماقتا. يەنە بەزى چىرىندىخور، گەندىخور ۋە ئۆلۈك - جەسەتلەرنى يەيدىغان قوڭغۇزلارمۇ بار.