Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەۋۋاس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇ ئاستىدىن نەرسە سۈزگۈچى، غەۋۋاس:
بەھرىڭغە كىردىم غەۋۋاس بولاي دەپ،
بىر دۇررى مەقسۇد ئالغالى كەلدىم.
مەشرەپ.
كىرىپ دەريايى ئىشقە مىسلى غەۋۋاس،
كى لەئلۇ گەۋھەر ئۇممانى كۆردۈم.
نەسمىي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇ تېگىگە شۇڭغۇغۇچى، گۆھەر ئېلىش ئۈچۈن دەريا - دېڭىز تېگىگە شۇڭغۇپ كىرگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ ئاستىغا چۈشۈپ ئىشلىگۈچى، دېڭىز - دەريا قاتنىشىدا ئىشلىگۈچى.
لەھەڭ ئاغزىدىن قورقسا غەۋۋاس گەر، قولىغا كىرمەيتتى دۇر بىلەن گۆھەر. تىنچ كۆلدىن قاۋۇل ماتروس چىقمايدۇ. دېڭىزنىڭ سىرىنى دېڭىزچى بىلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۇ ئاستىغا چۈشۈپ، ئۈنچە - مەرۋايىت قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشى.
- پادىشاھ: ئەي غەۋۋاسلار! ھەممىڭلار بۇ كىشىگە دەريادىن گۆھەر تاشلاپ بېرىڭلار، بۇ يەردىن تېز يانسۇن، - دەپ پەرمان قىلدى.
سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان مەخسۇس كىيىملەرنى كىيىپ، سۇ ئاستىدا خىزمەت قىلىدىغان خادىم.
غەۋۋاس كىيىمى.