Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەرىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: غۇرەبا. بىچارە، ناتىۋان؛ ھالسىز، ئىگە - چاقىسىز؛ خارلانغان، ئاياغ ئاستى قىلىنغان:
ئاجايىپ، قىزىق، تەئەجقۇپلىنەرلىك، ھەيران قالارلىق نەرسە:
ئەۋزەل، ئۇلۇغ؛ بەختىيار:
1. چەرخ ئۆزە خۇرشىددەك بار مەن جەھان ئىچرە غەرىب،
دەردمەندى تاپمادىم قىلغاي ماڭا ھەمرازلىق.
ئەرشى.
رەھمىسى كەلمەس غەرىبىنىڭ ئاھىغە،
كىرگەلى قويماس رەقىب دەرگاھىغە.
غەيرەتى.
2. ۋە غەرىبدۇركم، زاھىر ئۇلۇمنىڭ تەكمىلى ۋەقىتدە نېچە ئىش ئالارغا مۇيەسسەر بولۇپدۇركىم، بۇ ئۇممەتدە ئۆتكەن ئەكابىر ۋە شەھاىب كەماللەردىن ھېچ قايسىغا ۋاقېئ بولغان زاھىر ئەمەس.
نەۋايى.
3. بۇكى كەلامۇللاھ ئاڭادۇر نەسىب،
كىم يوق ئاڭا مۇئجىزە ئاندىن غەرىب.
نەۋايى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
غېرىپ
سىرتتىن كەلگەن، ئېقىپ كەلگەن، مۇساپىر