Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەمزە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆز قىسىش، كۆز بىلەن ئىشارەت قىلىش:
قاراكۆز بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈزمىڭ جەفا قىلما،
كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مەنىڭتەك مۇبتەلا قىلما.
سەككاكى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ناز - كەرەشمە، جىلۋە، غىلجىڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
لەرزان خۇلق، ئەركىلىك.
ناز قىزغا يارىشا، غاز كۆلگە. قىزى بارنىڭ نازى بار. ساھىبجامالنىڭ جىلۋىسى جاننى ئالىدۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ناز، جىلۋە. مەسىلەن:
ئىشىق ئوتۇڭنى تۇتاشتۇرۇپ،
كۆيدۈردۈڭ مېنى.
جىلۋە قىلىپ، غەمزە قىلىپ،
ئۆلتۈردۈڭ مېنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ناز، جىلۋە.