Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: غۇمۇم. قايغۇ، ھەسرەت، ئەلەم، تەشۋىش، كۈلپەت، غەم:
ئىشىق، مۇھەببەت:
غەمدە سارۇلغان تەنىم گەردىن كۆرۈپ شاشماس كۆزىن،
تۇغ كۆرۈپ ئانداغ كىيىكلەركىم تىڭرقاپ قاراشۇر.
ئەرشى.
2. بۇل ھەۋەسلەر غەرمىنى ئەيلەپ كېلىڭ ئەھبابكىم،
تەلمۈرۈپ ئوترۇسىدا ئانىڭ تۇرالى ئۆزگەچە.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قايغۇ، خاپىلىق، ھەسرەت، ئەندىشە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روھەن ۋە جىسمانەن قاتتىق قىينىلىش تۇيغۇسى.
قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا ئۆتىسە. بىز شادلىق يولىدا كۈرەشتۇق، شادلىق يولىدا ئۆلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قايغۇ - ھەسىرەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن. ھەسرەت رەھىم قىلار. بىر دەملىك ئاچچىققا سەۋرى قىلساڭ، بىر ئايلىق ئازاب - ئوقۇبەتتىن خالىي بولىسەن. پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز. ئادەمنى غەم يەيدۇ، تۆمۈرنى نەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەندىشە، تەشۋىش، ئەنسىرەش.
غەم قىلماق، غەمدە قالماق.
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە (ماقال).
كۆچمە. تەييارلىق، ھازىرلىق.
كەنتتىكىلەر مال - چارۋىچىلارنى قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتكۈزۈشنىڭ غېمىنى قىلىۋاتىدۇ.