Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەلىبە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت، ياخشى نەتىجە.
كېڭەش بار يەردە غەلىبە بار. باراردا خاتالاشقىنىڭ يادىڭدا بولسا، ياناردا غەلىبە قىلىسەن. ئادەم چېنىقمايدۇ قىلمىسا سەپەر، تىرىشمىغان كىشى تاپمايدۇ زەپەر. غالىبىيەت قەتئىي ئىرادىلىك ئادەمگىلا خاس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېڭىش، ئۇتۇق، ئۈستۈنلۈك.
مەغلۇبىيەت
يېڭىلىش، ئۇتتۇرۇش.
مەغلۇبىيەت - غالىبىيەتنىڭ ئانىسى. مەغلۇبىيەتنىڭ غالىبىيەتكە ئايلىنىدىغان ۋاقتى بار، زالىمنىڭ غەلىبىسى ئۇزاققا بارمايدۇ. يېڭىلگەنگە ئىقرار قىلىشنىڭ ئۆزى - غەلىبە. ئادەم چېنىقمايدۇ قىلمىسا سەپەر، تىرىشمىغان كىشى تاپمايدۇ زەپەر. ھەر سەۋرىنىڭ ئاخىرى زەپەر، ھەر ئاچچىقنىڭ كەينىدە شېكەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت