Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
غەيرىي خروماتىن
بىئولوگىيە
异染色质
yìrǎnsèzhì
ھۈجەيرە دەۋرىدىكى دائىمىي خروماتىنلارغا ئوخشىمايدىغان قىسقارغان ھالەتتىكى خروماتىندۇر. غەيرىي قىسقارغان مۇسبەت غەيرىي خروماتىنلارنىڭ خروماتىن تالالىرى دائىمىي خروماتىننىڭكىدىن بالدۇر بۇرمىلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئارىلىق مەزگىلىدە ۋە ئالدىنقى دەۋرنىڭ دەسلىپىدە دائىمىي خروماتىنلار بويالمايدىغان ياكى سۇس بويىلىدىغان ۋاقىتتا ئۇ قېنىق بويىلىدۇ. ئارىلىق مەزگىلىدىكى ھۈجەيرە يادروسىدا قېنىق بويىلىدىغان بۇ خىل غەيرىي خروماتىن پارچىسى بۇيالغۇچى مەركەز ياكى يالغان يادرو مېغىزى دەپ ئاتىلىدۇ. غەيرىي قىسقارغان مەنپىي غەيرىي خروماتىنلار دائىمىي خروماتىنلاردىن كېچىكىپ بۇرمىلانغانلىقتىن، بۆلۈنۈش مەزگىلىدە خروموسومىدىكى بۇ خىل غەيېرىي خروماتىنلاردىن تۈزۈلگەن ئاز ساندىكى بۆلۈكلىرى دائىمىي خروماتىنلىق بۆلەكلىرىگە قارىغاندا سۇس بولىدۇ. غەيرىي خروماتىنلار ئۇلارنىڭ تارقىلىشى ۋە رولىغا بىنائەن يەنە تۈزۈلۈش غەيرىي خروماتىننى ۋە فۇنكسىئونال غەيرىي خروماتىندىن ئىبارەت ئىككى خىلغا خروموسومىدىكى بەزى مۇقىم تۈزۈلۈش بۆلۈكلىرىنى تۈزگۈچى خروماتىنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق غەيرىي خروماتىنلىق بۆلۈكلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئوخشاش بىر ئورگانىزمدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەردە ئوخشاش بولىدۇ ھەمدە ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملاردا ماس ھالدا تارقىلىدۇ. فۇنكىسىئونال غەيرىي خروماتىن بولسا، مەلۇم خىل يېتىلىش مەزگىلىدە ياكى بەزى مۇئەييەن شارائىتلاردىلا ئاندىن پەيدا بولىدىغان غەيرىي خروماتىنلىق بۆلەككە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوملاردا ماس ھالدا تارقالمايدۇ. كېيىنكىسى مەسىلەن، ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق تەن ھۈجەيرىسىدىكى ئىككى دانە X خروموسومىنىڭ بىر دانىسىدا كۆرۈلىدىغان غەيرىي خروماتىنلىق ھالەتتۇر.
ئاناتومىيە
异染色质
yì rǎn sè zhì