Uyghurئاساسىي لۇغەت
غەيرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەرىكەتچانلىق، جىددىيلىك، بېرىلىپ ھەرىكەت قىلىش؛ غەيرەت:
رەشك، ھەسەت، قىزغىنىش:
1. بۇلارنى كۆرۈپ خۇش ئۇرۇپ غەيرەتىم،
قىيامىغە ئانداغ يېتىپ جۇرئەتىم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. نارتەك ياڭاقىڭ شۇئلەسىن سەن كۆرگۈزۈپ ئەغيارغە،
غەيرەت ئوتى ئىچرە يانە باغرىمنى بىريان ئەيلەمە.
سەككاكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنى پۈتتۈرۈشكە بولغان ئىنتىلىش، ئىشتىياق.
غەيرەت كەمىرىنى باغلىماق. غەيرەت بىلەن ئىشلە. ھورۇننىڭ تېنىدا جان بار، غەيرەت يوق. غەيرىتىڭ بولسا، يۇلتۇز سانايسەن. ئىجتىھاد قىلغان ئۇتار. ئىجتىھاد _ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى. سەئى قىلساڭ، تاشتىن ئوت ئالىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشنى تېزرەك ئورۇنداشقا بولغان ئىنتىلىش، تىرىشچانلىق، جاسارەت.
غەيرەت بەرمەك، غەيرەت قىلماق.* ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قىزغىنلىق، ئىپتىخار