Uyghurئاساسىي لۇغەت
غار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غار، ئۆڭكۈر:
تىيز تون ئالغىل پەنا غارىغا ئۆزنى ئەي بىلال،
دېدى - يۇ، قىلدى نەسىھەت نەزم گۇفتارىم ماڭا.
مولال بىلال.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆڭكۈر، غار، كامار: غاردار - غار كۆپ، غارلىق؛ غارسىتان - غار كۆپ يەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغ، يارلادىكى چوڭ تۆشۈك بوشلۇق.
ئىنسانلار قەدىمكى زاماندا غار، ئۆڭكۈرلەردە ياشىغان. ئېيىق ئۆڭكۈردە، قورققان ئۆيدە كۈچلۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئېغىز چايقىغان، ماتور ئوت ئالغان چاغدا چىققان ئاۋاز.
موتسىكلىت <غار> قىلىپ يۈرۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جۇغراپىيە
تاغلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن چوڭ ھەجىمدىكى بوشلۇق، ئۆڭكۈر.
پادىشاھمۇ ئاتتىن چۈشۈپ، كېيىكنىڭ ئارقىسىدىن غارغا كىرىپتۇ.