Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
غايە (1)
پسىخولوگىيە
理想
lǐ xiǎng
كىشلەرنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان جەمئىيەت، كىشلىك تۇرمۇش ۋە كەسپىي جەھەتلەردىكى كۈرەش نىشانىسى، غايە بىر كىشىنىڭ سىياسىي مەيدانى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ كۈرەش جەھەتتىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇ كىشلىك تۇرمۇشنىڭ يۆنىلىشى بىلەن يولنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كىشلەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۈمىدىنىڭ ئىنكاسى، ئادەمنىڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى، ھەتتا مۇقەررەرلىكى توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە ئېتىقادى، شۇنداقلا تۆرەلمە ھالەتتىدە تۇرغان شەيئىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە نەتىجىسى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى ۋە ئىزدىنىشى. بەزىدە ئۇ كىشلەرنىڭ كىلەچەك توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرى شەكلىدە گەۋدىلىنىشى مۇمكىن. كىشلىك تۇرمۇش قارىشى تەربىيىسى، كىشلىك تۇرمۇش يولى تەربىيىسى، ئىنقىلابىي ئىستىقبال تەربىيىسى قاتارلىقلار غايە تەربىيىسىدۇر. كوممۇنىستىك غايە تەربىيىسى پۈتۈن غايە تەربىيىسىدە يېتەكچى ۋە يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ.
غايە قاتلاملارغا بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ جەمئيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئالغاندا، تارىختىكى غايىلەر مۇنداق چوڭ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: (1) جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق بولغان ئىلغار، ئىجابىي غايە. (2) جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە خىلاپ بولغان سەلبىي غايە. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىگە ماسلىقىدىن ئالغاندا، ئۇ، ئىجتىمائىي غايە، ئەخلاقىي غايە، ئىستېتىك غايە، كەسپىي غايە ۋە تۇرمۇش غايىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي غايە، ئەخلاقىي غايە ۋە ئىستېتىك غايە يۇقىرىراق قاتلام بولۇپ، كەسپىي غايە بىلەن تۇرمۇش غايىسى تۆۋەنرەك قاتلام ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنە بىر - بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشلەرنىڭ كۈرەش نىشانى ئەڭ ئاخىرقى نىشان، ئوتتۇرا مۇساپىلىك نىشان ۋە كۆز ئالدىدىكى نىشانلارغا بۆلۈنگەنلىكتىن، غايىمۇ ئادەتتە ئەڭ يۈكسەك غايە، يىراقراق غايە، كۆز ئالدىدىكى غايىلەرگە بۆلۈنىدۇ.
غايىمۇ ئىجتىمائىيلىق، تارىخىيلىق ۋە سىنىپىيلىققا ئىگە. تارىختىكى تۈرلۈك غايىلەرنىڭ ئىلغار ياكى ئەكسىيەتچىلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت تەرەقىياتىدا ئوينىغان رولى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.