Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گەسكېل
دائىرە: دۇنيا تارىخى盖斯凯尔
gài sī kǎi ěr
(1810 - 1865)، ئەنگلىيىلىك رېئالىزمچى ئايال يازغۇچى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئانىسىدىن بۇرۇنلا يېتىم قېلىپ، ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان. سانائەت شەھىرى مانچىستېردا ئۇزاق مۇددەت ياشىغان. ئىشچىلار تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىشچى - دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلغان، ئەمما سىنىپىي زىددىيەتنى تىنچ ئوسۇلدا تۈگىتىش خام خىيالىدا بولغان. ئاساسلىق ئەسىرى بولغان <مارى باتون> رومانىدا ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىدىكى مانچىستېر ئىشچىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا <ئايالى بىلەن قىزى> ناملىق رومانى، <شالود بورانت> ناملىق تەرجىمىھالى ۋە <سېربىيىدىكى ئاشىق> ناملىق تارىخىي رومانى قاتارلىقلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.