Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格式塔心理学
پسىخولوگىيە
گېشتالت پىسخولوگىيىسى
( مۇكەممەل شەكىل پىسخولوگىيىسى ) بۇ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان پىسخولوگىيىسىدىكى بىر ئاساسىي ئېقىم. بۇ ئېقىم 1912 - يىلى گېرمانىيدە بارلىققا كېلىپ، كېيىن ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلغان. « گېشتالت » گىرمانچە سۆز بولۇپ، مەنىسى تەشكىلي قۇرۇلما ياكى مۇكەممەل گەۋدە دېگەن بولىدۇ. بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، پىسخىك ھادىسىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئاڭ تەجرىبىسىدە قۇرۇلغا خاراتېردە ياكى بىر پۈتۈن گەۋدە شەكلىدە ئايان بولۇشى. ئىدرال ھەرگىزمۇ سەزگۈرلەر يىغىندىسى ئەمەس، تەپەككۈرمۇ تەسەۋۋۇرلارنىڭ ئاددىي بىرلەشمىسى ئەمەس. مۇزىكا رىتىمى ياكى ئاچاڭ مۇزىكىدا مۇئەييەن بىر شەكىلدە بىر پۈتۈن ھالدا ئىدراك قىلىنىدۇ. چۈشىنىش بىلىدىغان ھادىسنىڭ كونا قۇرۇلمىسىنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىشى ياكى يېڭى قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق پەيدا بولۇشىدا. كوخلېر فىزىك ھادىسلەرنىڭ مەسلەن، ئېلېكتىر مەيدانىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ، فىزىك شەكىل بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەپ پەرەز قىلىدۇ. لېكىن ئۇ تەجرىبە قۇرۇلمىسى بىلەن فىزىك قۇرۇلما ئارىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق، تەجرىبە قۇرۇلمىسى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلما ئارىلىقىدىمۇ مېخانىزم بىلەن جەريانلىق مۇناسىۋەت مەۋجۇد ئەمەس، ئۇلار پەقەت قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىنلا ئوخشاش دەپ قاريدۇ. گېشتالت پىسخولوگىيىسى مۇشۇنداق پىسخىكا بىلەن ماددا شەكىلداش دېگەن نەزەرىيىگە ئاساسلىنىپ، ئاڭ بىلەن بارلىقنى، سۇبيېكتپ بىلەن ئوبيېكتپنى ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان ئارىلاشما - مۈجمەك ئۇقۇمنى ئىشلەپ چىقتى. مەسلەن: « پىسخو - فىزىكا مەيدانى »، « پىسخىكا شارائىت » دېگەنلەرنى يېزىپ ئادەمنىڭ پىسخىكىسى بىلەن ھەرىكىتىنى چۈشەندۈردى. بۇلارنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى لېۋىن.
ھازىرقى زامان گىومېترىيىسى ۋە توپولوگىيە ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش خاراكتېرلىك ئۇقۇملار بىلەن، مەسلەن: « تۇرمۇش بوشلۇقى » ۋە ئۇنىڭدىكى « كۈچ » نىڭ كۈچلۈك، ئاجىزلىقى، تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇددىئانىڭ ھەرىكەتتىكى رولى ۋە ئىندىۋىدوئاللىقنىڭ دىنامىكىسىنى ( ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ) چۈشەندۈرىدۇ.
مائارىپ
gé shì tǎ xīn lǐ xué
گېستالت پىسخولوگىيىسىDئۇنىۋېرسال
gé shì tǎ xīn lǐ xué
گېستالت پسىخولوگىيىسى