Uyghurئاساسىي لۇغەت
گەران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېغىر، ۋەزمىن:
قىممەت باھا، قەدىرلىك، قىممەتلىك؛ مۇھىم:
مول، كۆپ مىقداردىكى.
1. كېمەچىگە دېدىم: بۇ ئىتنى تۇتۇڭ،
گەران كەلسە سۆز ھەم بۇ سائەت يۇتۇڭ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. قويۇپ تېۋەلەرگە چۇ بارى گەران،
خاجە بىرلە بولدى بۇلار ھەم رەۋان.
ئا. نىزارى،ن . زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېغىر، ۋەزمىن: گەرانى - ئېغىرلىق، يۈك؛ گەران مايە - دەسمايىسى ئېغىر، قىممەتلىك نەرسە، بەك ئەزىز؛ گەران سەنگ - ئېغىر تاش.