Uyghurئاساسىي لۇغەت
گەپ يۈزدە ياخشى ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر كىم بىراۋدىن كۆڭلى قالغاندا ياكى نارازى بولغاندا يۈز تۇرا سۆزلىشىپ، ئارقىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلسىمۇ سۆزلەۋېرەي، «گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى» دېگەندەك ئارقىدا غەيۋەت قىلغاندىن كۆرە، ئالدىدا ئېيتقان ياخشى، - دېدى ئۇ.