Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى
تۇراقلىق ئىبارىلەر
说话当面说,舞要台上跳
shuō huà dāng miàn shuō ,wǔ yào tái shàng tiào
بۇ، ھەر كىم بىراۋدىن كۆڭلى قالغاندا ياكى نارازى بولغاندا يۈز تۇرا سۆزلىشىپ، ئارقىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلسىمۇ سۆزلەۋېرەي، «گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى» دېگەندەك ئارقىدا غەيۋەت قىلغاندىن كۆرە، ئالدىدا ئېيتقان ياخشى، - دېدى ئۇ.