Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
根系
بىئولوگىيە
يىلتىز سىستېمىسى
بىر تۈپ ئۆسۈملۈكتىكى بارلىق يىلتىزلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ ئوق يىلتىز سىستېمىسى ۋە چاچما يىلتىز سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئوق يىلتىز سىستېمىسى تۆرەلمە يىلتىزنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاساسىي يىلتىز ۋە تارماقلىنىشتىن ھاسىل بولغان يان يىلتىزلاردىن تۈزۈلىدۇ؛ ئاساسىي يىلتىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يان يىلتىزلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈك ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ئوق يىلتىز سىستېمىسىغا كىرىدۇ. چاچما يىلتىز سىستېمىسى غول، يوپۇرماق قاتارلىق قىسىملاردىن ھاسىل بولغان تۇراقسىز يىلتىزلاردىن تۈزۈلىدۇ، ھەرقايسى يىلتىزلارنىڭ توم - ئىنچىكلىكى ۋە ئۇزۇن - قىسقىىقى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بىر - بىرىدىن روشەن پەرقلەنمەيدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسى ۋە پىياز، سامساق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى چاچما يىلتىز سىستېمىسىغا كىرىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تۇپراق قەۋىتىدىكى تارقىلىشىشنىڭ چوڭقۇر - تېيىزلىكىگە ئاساسەن تېيىز يىلتىز سىستېمىسى ۋە چوڭقۇر يىلتىز سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى گورىزونتال يۆنىلىش بويىچە تارقىلىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. كېيىنكىسى تىك يۆنىلىش بويىچە تارقىلىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئوخشاش بىر تۈپنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېتىلىش مەزگىلى ياكى ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيىلىك شارائىت ئاستىدا يىلتىز سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر - تېيىزلىكىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، شالنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تۈپلىنىش مەزگىلىدە تېيىز، بوغۇمى ئۇزىراپ باش چىقىرىدىغان ۋاقتىدا نىسبەتەن چوڭقۇر بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرى بولغاندا كۆپىنچە تېيىز، تۆۋەن بولغاندا كۆپىنچە چوڭقۇر بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,ماتېماتىكا
gēn xì
يىلتىز سىستېمىسىDئورمانچىلىق
gēn xì
يىلتىز سېستىمىسىDئۇنىۋېرسال
gēn xì
يىلتىز سىستېمىسى