Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
根特起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىگېنت قوزغىلىڭى
1539 - 1540 - يىللىرى فلاندېرىس گېنت شەھىرىدىكى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ كە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ. بۇنىڭغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن باج ئالماقچى بولغانلىقى سەۋەب بولغان. 1539 - يىلنىڭ باشلىرىدا، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئورنىنى شەھەر كەمبەغەللىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى نامرات دېھقانلار ئالغان. قوزغىلاڭ ئەتراپتىكى شەھەر ۋە يېزىلارغا كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار زالىم ئەمەلدارلارنى ۋە شەھەر مۇشتۇمزورلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. 1540 - يىلى 2 - ئايدا، چارلېس Ⅴ ئەسكەر باشلاپ گېنتكە كىرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.