Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
根际微生物
تۇپراق
gēn jì wēi shēng wù
يىلتىز دائىرىسىدىكى مىكرو ئورگانىزمDباغۋەنچىلىك
gēn jì wēi shēng wù
يىلتىز دائىرىسىدىكى مىكرو ئورگانىزىمDئۇنىۋېرسال
gēn jì wēi shēng wù
يىلتىز دائىرىسىدىكى مىكر ئورگانىزم
Dدېھقانچىلىق
gēn jì wēi shēng wù
يىلتىز دائىرىسدىكى مىكروئورگانىزم
بىئولوگىيە
يىلتىز مىكرو ئورگانىزملىرى
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۆسۈملۈك ئاجرىتىپ چىقارغان ھەر خىل ئورگانىك، نىئورگانىك تەركىبلەر ۋە ئۆلگەن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىپ ئۆسىدىغان مىكرو ئورگانىزملار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە باكتېرىيە، ئاكتىنومىتسېس زەمبۇرۇغ، يۈسۈن، پروتوزا، باكتېرىئوفاگ قاتارلىق جانلىقلار بولىدۇ، بىراق باكتېرىيىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. تۈرى ۋە سانى ئۆسۈملۈك تۈرى، يېتىلىش باسقۇچى، تۇپراقنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئىسسىقلىق دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇقنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ئەتراپىدا يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى كۆپرەك بولىدۇ، بۇغداينىڭ يىلتىزى ئەتراپىدا ئامىنلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە بىلەن نىتراتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە كۆپلۈك، نىتراتسىزلىغۇچى باكتېرىيە ئازراق بولىدۇ. ئۆسۈملۈك يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بىلەن چېچەكلەش مەزگىلىدە يىلتىز ئەتراپ مىكرو ئورگانىزملىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ؛ تۇپراقنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولسا سانى كۆپ بولىدۇ، بىراق تۇپراقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ سانى ئازىيىپ بارىدۇ. يىلتىز مىكرو ئورگانىزملىرىنىڭ تۇپراقنىڭ ئىسسىش دەرىجىسىنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. يىلتىز مىكرو ئورگانىزملىرى بىر جەھەتتىن مېتابولىزم ئارقىىق ئۆسۈملۈكنى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۆسۈملۈك بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ.