Uyghurئاساسىي لۇغەت
گەندى ئېرۋىن كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
<دېھلى كىلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1931 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ھىندىستان باش ۋالىيسى گراف (يەنى خالىفاكىس گرافى) ئېرۋىن بىلەن گەندى دېھلىدا ئىمزا قويغان كېلىشىم. گەندى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ھىندىستان يۇمىلاق جوزا سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا قوشۇلغان. ئېرۋىن خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە؛ <زوراۋانلىق جىنايىتى> ئۆتكۈزگەنلەردىن باشقا بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا باستۇرۇشنى توختىتىپ، ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا (ئەمما <كوممۇنىزم ۋەھىمىسى> ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيرۇقلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئاشتۇزى ئىشلەپ چىقىرشىنى مونوپول قىلىشنى داۋاملىق كۈچە ئىگە قىلشقا؛ ئاز ساندىكى بىرقانچە خىل تاۋارغا نىسبەتەن قوغدىنىش چېگرا بېجىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا يول قويغان. كېلىشىم خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ قىسمەن داھىيىلىرى ۋە باشقا ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. لېكىن 1931 - يىلى 12 - ئايدا كاراچىدا ئېچىلغان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا يەنىلا ماقۇللانغان، شۇنىڭ بىلەن 2 - قېتىملىق ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى ئاياغلاشقان.