Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
戈林
دۇنيا تارىخى
گېرىن
(1893 - 1946)، ناتسىستلار گېرمانىيىسى مارشالى. بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى. روسېنگيىمدا تۇغۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاۋا ئارمىيىسىدە ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى، ئۇرۇشتىن كېيىن دانىيە، شۋېتسىيىلەردا ترانسپورت ئايروپىلاننىڭ ليۇتچىكى بولغان. ميۇنخېن داشۆسىدە ئىقتىساد ئىلمى (ئىكونومىكا) ئۆگەنگەن، 1921 - يىلى گېتلىر بىلەن تونۇشۇپ، كېيىنكى يىلى ناتسىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923 - يىلى <پىۋىخانا تۇپىلىڭى> غا قاتناشقان. 1928 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1932 - يىلى پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1933 - يىلى گېتلىر تەختكە چىققاندىن كېيىن بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى، ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى، پرۇسسىيە زۇڭلىسى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ھەمدە ئارمىيىنى كېڭەيتىپ تولۇقلاش ۋە مەخپىي ساقچى (گېستاپو) نى راۋاجلاندۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 1935 - يىلى ھاۋا ئارمىيە باش قوماندانى، 1936 - يىلدىن باشلاپ <تۆت يىللىق پىلان>نىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئىجراچىسى بولغان. گىتلېر 1939 - يىلقى بىر نۇتقىدا ئۇنى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەن. 1940 - يىلى 1 - ئايدا، ئىقتىسادىي باش شتابنىڭ كاتتىباشلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 7 - ئايدا، <ئىمپېرىيە مارشالى> دېگەن نام بېرىلگەن. 1944 - يىلى 7 - ئايدا، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا گىتلېر تەرىپىدىن <ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى> بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان، گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946 - يىلى 10 - ئايدا، نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش ھۆكۈمى بېرىلىپ، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
戈林〈美〉
gē lín
گورىن، گولېن
gē lín
گورىن، گولېن
gē lín
گورىن، گولېن