Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格里马第洞穴
دۇنيا تارىخى
گرىمالدى ئۆڭكۈرى
ياۋرۇپانىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئۆڭكۈر خارابىلىرى. ئىتالىيەنىڭ غەربىي - شىمالىدىكى فرانسىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدا، 1872 - يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. ئاساسلىق ئۆڭكۈردىن 12 سى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پرامىس ئۆڭكۈرى، ئاڭغان ئۆڭكۈرى، كاۋىلون ئۆڭكۈرى قاتارلىلار تېخىمۇ مۇھىم. ئۆڭكۈرلەردە مۇستې، ئورېنا، گرىمالدى قاتارلىق مەدەنىيەت قاتلاملىرى تېپىلغان. قوراللارنىڭ ئىچىدە چاقماق تېشى پارچىسى ۋە پىچاق شەكلىدىكى ئۇستىخان تېپىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە گرىمالدىلار نەسلىدىكى ئىسكىلىت تېپىلغان. ئاڭغان ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان ئىككى ئىسكىلىتتىن قارىغاندا بويى پاكار، بېشى سوزۇنچاق، بۇرنى كەڭ ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى قېرى ئايال، بىرى ياش ئەر بولۇپ، پۇت - قولى يىغىلىپ كۆمۈلگەن. ئەتراپىغا قىزىل رەڭلىك بوياق چېچىلغان.