Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格雷罗
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
gé léi luó
گېررېرو
دۇنيا تارىخى
گېررېرو
(1783 - 1831) مېكسىكا زۇڭتۇڭى (1829 )، گېنېرال، لىبېراللارنىڭ سولقانات يولباشچىسى. مورېلوسنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1829 - يىلى 4 - ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلغان. 7 - 9 - ئايلاردا ئىسپانىيەنىڭ قورالللىق تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى ئۇيۇشتۇرغان. 12 - ئايدا، ھاكىمىيىتى مۇتەئەسسىپ بوستامانتې (1780 - 1853) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. ئۇ تاغلىق رايونغا قېچىپ بېرىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ئالداپ قولغا ئېلىنغان، 1831 - يىلى 2 - ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.