Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格兰其运动
دۇنيا تارىخى
گرانگې ھەرىكىتى
ئامېرىكىدىكى جاڭزا دېھقانلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن تۈزۈشنى تەلەپ قىلش ھەرىكىتى. 1867 - يىلى كېلېي (1826 - 1931) قاتارلىق كىشىلەر <مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكنى قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى>نى قۇرغان. گرانگې ئېنگلىزچە Grange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى جاڭزا دېگەنلىك، ئۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ يەرلىك شۆبىلىرىنىڭ نامى. دەسلەپ مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، پەن - مەدەنىيەتنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان، كېيىن پەيدىنپەي ئاشكارا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاپپاراتقا ئايلانغنا. ئۇلار تۆمۈريول شىركەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق كىرا ھەققىگە ۋە چوڭ مونوپول تەشكىلاتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ھەمكارلىق تەشكىلاتى، زاۋۇت ۋە سودا دۇكانلىرىنى قۇرغان ھەمدە شتات پارلامېنتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇن تۈزۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەن. 1870 - 1874 - يىللىرى ئارىلىقىدا بەزى شتاتلار تۆمۈريول، مال سارايلىرى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش ياكى باشقۇرۇش توغرىسىدا قانۇن تۈزگەن، بۇ <گرانگې قانۇنى> دەپ ئاتالغان. 1875 - يىلى ھەرىكەت تازا ئەۋج ئالغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى كۆپىيىپ 800 مىڭ كىشىگە يەتكەن يەرلىك شۆبە جەمئىيەتلىرى تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتكەن. كېيىن ئاستا - ئاستا خارابلاشقان. لېكىن 80 - يىللارغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا، گرانگې دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ساقلانغان.