Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格拉古
دۇنيا تارىخى
گراككۇس
(1) تىبېرىئۇس گراككۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى 162 - 133). قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئارمىيىگە ئەگىشىپ كارخانىغا بارغان. شۇنداقلا مالىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن (مىلادىدىن ئىلگىرى 137) ئىسپانىيىدىكى نومانتىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. رىم چوڭ جاڭزىسى (لاتىفۇندىئۇم)نىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ۋەيران بولۇش ئارقىسىدا ئەسكەر مەنبەسىنىڭ قىسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە سىتسىلىيە قۇللار چوڭ قوزغىلىڭى (بىرىنچى قېتىمقى) نى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن؛ جامائەت يەرلىرى (دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەر)نى ئىگىلەشنى چەكلەپ، رىم دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى تېرىبون بولۇپ، يەر قانۇنىنى يەنى: ھەربىر ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىگىلىگەن جامائەت يېرى 500 يۇگېرۇمدىن ئاشماسلىق (ھەربىر يۇگۇرۇم تەخمىنەن تۆت بىر گېكتارغا توغرا كېلىدۇ)، ئەگەر چوڭ ئوغلى ۋە ئىككىنچى ئوغلى بولسا، ئۇلارمۇ 250 يۇگېرۇمدىن ئىگىلەش يەنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىگىلىگەن جامائەت يېرى مىڭ يۇگېرۇمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ ئېشىپ كەتكەن قىسمى قايتۇرۇۋېلىپ، 30 يۇگېرۇمنى بىر ئۈلۈش قىلىپ ۋەيران بولغان دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ سېتىشقا رۇخسەت قىلماسلىقنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ قانۇن چوڭ يەر ئىگىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، كەسكىن كۈرەش ئارقىلىق يەر قانۇنى ئاخىرى ماقۇللىنىپ، <ئۈچ كىشلىك ھەيئەت> تەسىس قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. شۇ يىلى يازدا كېلەر يىللىق (مىلادىدىن ئىلگىرى 132) تېرىبون سايلىمىدا، سىناتتىكى ئاقسۆڭەكلەر قەستەن جېدەل چىقارغان، نەتىجىدە، تىبېرىئۇس ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەخمىنەن 300 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. لېكىن يەردىن مەھرۇم بولغان دېھقانلارنىڭ يەر تەلەپ قىلىش كۈرىشى توختىمىغان. (2) گايۇس گراككۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى 153 - 121) قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى سىياسىئون. تىبېرىئۇس گراككۇسنىڭ ئىنىسى. مىلادىدىن 133 يىل ئىلگىرى <ئۈچلەر> ئەزاسى. تىبېرىئۇسنىڭ ئىشىنى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن، مىلادىدىن 123 يىل ئىلگىرى تېرىبون بولغان. مىلادىدىن 122 يىل ئىلگىرى سايلامدا داۋاملىق سايلانغان، ئۇ تىبېرىئۇسنىڭ يەر قانۇنىنى داۋاملىق يولغا قويغان ھەمدە ئاشلىق قانۇنى (شەھەر كەمبەغەللىرىگە قۇتقۇزۇش بېرىش)، سوت قانۇنى (رىتسارلارغا ئەدلىيە ھوقۇقى بېرىش) قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، كەڭ قوللاشقا ئىگە بولغان. كارفاگېندا كۆچمەنلەر رايونى ئېچىپ، قائىدىنى بۇزۇپ ئۆزى ئافرىقىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەن. ئىتالىيە بىلەن <ئىتتىپاقداش> بولغۇچىلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ، قارشىلىققا ئۇچراپ، ئۈچىنچى قېتىملىق خەلقنى قوغداش ئەمەلدارى سايلام رىقابىتىدە سايلىنالمىغان. سېناتتىكى ئاقسۆڭەكلەر يەنە قىساس ئېلىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغان، مىلادىدىن 121 يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان. گايۇس قوراللىق قارشىلىقنى ئۇيۇشتۇرغان، ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ قۇربان بولغان، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن تەخمىنەن 3 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. ئاكا - ئۇكا گراككۇسلارنىڭ يەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنى چەكلەش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى بايلار ۋە نوپۇزلۇق ئەمەلدارلارغا زەبە بېرىپ، ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرگەن، رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.