Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
格儿迪齐
دۇنيا تارىخى
گەردىزى
Ⅺ ئەسىردىكى پېرسىيەلىك تارىخشۇناس. غەزنە (ھازىرقى ئافغانىستاندىكى غەزنى) ئەتراپىدا تۇغۇلغان. يازغان تارىخىي ئەسەرلىرى تەخمىنەن 1049 - 1053 - يىللىرى پۈتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىدىن ئاۋۋالقى دەۋردىن 1032 - يىلغىچە بولغان پېرسىيە تارىخى ۋە 1041 - يىلغىچە بولغان خوراسان تارىخى خاتىرىلەنگەن. ھىندىستان، تۈرك قەبىلىلىرى، يۇنان ئىلمى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي بايرىمى قاتارلىقلارمۇ مەخسۇس بابتا بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن جۇڭگوغا قاتنايدىغان قاتناش يولى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولالايدۇ.