Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
哥德堡
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەرگوتېبورگ
شۋېتسىيىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان مەشھۇر پورت، شىۋېتسىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ سودا پورتى، پورتنىڭ سۈيى قىشتا توڭلىمايدۇ، شۇڭا قىش - ياز پەسىللىرى ئوخشاشلا دېڭىز قاتنىشىغا قولاي. شەھەرنى ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ئايرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. پورت ئارقىلىق قەغەز، ياغاچ ھەم ياغاچتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نېفىت، كان مەھسۇلاتلىرى، ھەرخىل مېۋە ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەرنىڭ يېنىدىكى ھىسنىگېن ئارىلىدا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق زاۋۇتى بار. شەھەردە يەنە ئايرودروم قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىgē dé bǎo
گوتېبورگ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.