Uyghurئاساسىي لۇغەت
گىدەيمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويىنى تىك قىلىۋالماق، كۆچمە مەنىدە: ھاكاۋۇرلۇق قىلماق.
غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە، ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە. كىچىككىنە مەنسەپكە گىدىيىپ كەتمە. قوينىڭنى پۈچەك ياڭاق بىلەن تولدۇرۇۋېلىپ گىدىيىپ يۈرمە. كېرىلىگەننىڭ چاترىقى يېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
غادايماق.
ئۇ كۆزلىرىنى مىت - مىت قىلىپ، ياسىننىڭ گىدىيىپ تۇرغان ئەپتىگە تىكىلگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
كۆچمە. كىبىرىنى كۆرسەتمەك، ئۆزىنى چوڭ تۇتماق.
ئۇ ھېلىقى دانىشمەننى مەنسىتمىگەن قىياپەتتە گىدىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.