Uyghurئاساسىي لۇغەت
گائۇس
مەشھۇر شەخسلەر
گېرمانىيىلىك ماتېماتىك گائۇس (1777 −1855 ) كـىـچـىـكـىـدىـنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئاتىسى غۇۋا چىراغ تۈۋىدە بـاش چۆكۈرۈپ ھېساب قىلىۋاتاتتى. خېلىدىن كېيىن ئاتىـسـى چـوڭـقـۇر ئۇھ تارتىپ »ئاخىر ھېسابلاپ بولدۇم!« دەيدۇ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن گائۇس: »ئاتا، خاتا ھېسابلاپ قويدۇڭ« دەيدۇ. ئاتىسى ئىنتايىـن ھەيـران قـالـىـدۇ، ئەسلىدە گائۇس ئىزچىل ئۈستەل يېنىدا تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ھېسابـلـىـشـىـغـا قاراپ تۇرغانىكەن. ئاتىسى قـايـتـا ھېـسـابلاپ، ھەقىقەتەن خاتا ھېسابلاپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ.
گائۇس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ماتېماتىكا ئوقـۇتقـۇچىـسـى ئوقۇغۇچىلارغا1 دىن100 گىچە بولغان ناتۇرال سانلارنىڭ يىغىندىـسـىـنـى تېپىپ چىقىشنى ئېيتىدۇ. ئوقۇتقۇچى، بالـىلار بۇنى خېلىلا ئۇزۇندا ھېسابلاپ بولىدىغۇ، دەپ ئويلاپ، سوئالنى يېزىپ بولـۇپ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىم بىلسۇن، ئوقـۇتـقـۇچـى ئولـتـۇرا - ئولتۇرمايلا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى قول كۆتۈرۈپ: «مۇئەللىم، مەن ئىشلـەپ بولدۇم»دەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭـدىـن ھەيـران قـالـىـدۇ، بـۇ ئوقـۇغـۇچـى سىنىپتىكى يېشى ئەڭ كىچىك گائۇس ئىدى. ئوقۇتقـۇچـى ئۇنـىـڭ يېنىغا كېلىپ، گائۇسنىڭ دەپتىرىگە5050 دەپ يېزىلغانلىقىنى كـۆرىـدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن: «قانداق ھېـسـابلاپ چـىـقـتـىـڭ؟»دەپ سورايدۇ. گائوس: «50×(100+1) نى ھېسابلىسىلا چىقمامدۇ؟» دەيدۇ. مۇئەللىم بـۇنـى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئوقۇتقۇچى گائۇسنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ماتېماتىكا كىتـابتىن بىرنى سوۋغـا قىلىدۇ.
گائۇس تىرىشىپ ئۆگىنىپ،11 يېشىدىلا ئىكـكى ئەزالـىـقلار تېئورېمىسىنى بايقايدۇ،17 يېشىدا كۋادراتلىـق ئۆزئارا قـايتـىـشـچـانلىـق قانۇنىنى كەشىپ قىلىدۇ،18 يېشىدا سىركۇل ۋە تۈز سىزغۇچ بىلەن مۇنتىزىم17 تەرەپلىكنى سىزىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ،2000 يـىـلـدىـن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىـنـى ھەل قـىـلـىـدۇ.21 يـېـشـىـدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ،22 يېشىدا دوكـتـورلـۇق ئىـلـمـىـي ئۇنـۋانـىـغـا ئېرىشىدۇ.1804 - يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىـي جـەمئىـيـىـتـىـنـىـڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ.1807 - يىلىدىن1855 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكۈچىـلـىـك گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقى، قـوشـۇمـچـە گـيوتتىنگېن رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە، فرانسـىـيـە پـەنـلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا نۇرغۇن پەنلەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئاكـادېـمـىـكـى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتىكلارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ، ماتېماتىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاسترونومىـيە، فـىـزىـكـا قـاتـارلـىـق پـەن ساھەلىرىگە ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلىغان، ئۇ مەشھۇر ئاسترونوم ۋە فىزىـك، شۇنداقلا كاتتا نامى ئارخىمېد، نيۇتون بىـلەن تـەڭ ئورۇنـدا تـۇرىـدىـغـان ئالىم.
گائۇس ئىلمىي تەتقىقاتتا مەجنۇنلۇق ھالىتىگە يېتىدۇ. بىـر قـېتـىـم ئۇ بىر چوڭقۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا خانىمىنـىـڭ كېسىلىنىـڭ ئېـغىرلـىقـىـنـى خـەۋەر قىلىـدۇ، گـائۇس خـۇددى بـۇنـى ئاڭلىمىغاندەك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىـرئازدىـن كـېـيـىـن، ئۆيـدىـن كەلگەن ئادەم ئۇنىڭغا: «خانىمنىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر، سىـزنـى دەرھال قايتـسـۇن دەيـدۇ» دەيـدۇ. گـائۇس: «مـانـا ھازىـر!» دەپلا خـىـزمـىـتـىـنـى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچىنچى قېتىم «خانىمىڭىـز سـەكراتتا!» دەپ ئۇقتۇرىدۇ، گائۇس بېشىنى كۆتۈرۈپ: »مېنى ساقلاپ تۇرسۇن، مـەن چوقۇم بارىمەن!« دەيدۇ.
گائۇس ئىلىم - پەن ئىشلىـرى ئۈچـۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ،1855 - يىل2 - ئاينـىـڭ23 - كـۈنـى ئالـەمـدىـن ئۆتـىـدۇ. گيوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مۇنتىزىم17 تەرەپلىكتىـن ئىشلەنگەن سۇپىغا گائۇسنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدۇ. ئۇ18 - ئەسىر بىلەن19 - ئەسىرنىڭ ئالمىشىش پەيتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ماتېماتـىـك دەپ ئېـتـىـراپ قىلىنىدۇ،100 نەچچە يىلدىن بۇيان «ماتېماتىكا شاھزادىسى» دېگەن ئېسىـل نام بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1777 - 1855) گېرمانىيىلىك ماتېماتىك، فىزىك، ئاسترونوم. گېتتىنگېن داشۆسىدە ئوقۇغان. 1799 - يىلى ھېرمېستىت داشۆسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 1801 - يىلى <ماتېماتىكا نەزەرىيىسى تەتقىقاتى> نى ئېلان قىلغان. 1807 - يىلدىن باشلاپ گېتتىنگېن داشۆسىدە پروفېسسور، قوشۇمچە رەسەتخانىنىڭ باشلىقى بولغان. ھىپېر گېئومېتىرىيىلىك قاتار، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچى فۇنكىسىيلەر نەزەرىيىسى، ستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيە نەزەرىيىسى جەھەتتە زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ ئەگرى سىرت نەزەرىيىسى يېقىنقى زامان دىففېرېنسىئال گېئومىتىرىيىسنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غەيرىي ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسى تەتقىقاتى توغرىسىدا ھايات ۋاقىتدا بىرەر نەرسە ئېلان قىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىتلار ئۇنىڭ ئاساسچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ ئەڭ كىچىك كۋادراتنى بەرپا قىلغان ھەمدە لاپلاسنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى بويلاپ، يوشۇرۇن كۈچ نەزەرىيىسىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرغان. فىزىكا، ئاسترونومىيە، گېئودىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ناھايىتى زور نەتىجە ياراتقان. ئۇنىڭ <ھىپېر گېئومېتىرىيىلىك قاتار نەزەرىيىسى>، <سانلىق ئىنتېگراللاش ئۇسۇلى>، <پلانتلار ھەرىكىت نەزەرىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛نېمىسچە
فىزىكا
ئېلېكتر ماگنىت سىستېمىسى بىرلىك تۈزۈمىدىكى ماگنىت ئىندۇكسىيىسى كۈچىنىشىنىڭ بىرلىكى