Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گاسكونې
دۇنيا تارىخى
加斯科涅
jiā sī kē niè
فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمكى رايون ئىسمى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ئاقۇتاننىڭ بىرقىسمى بولغان. مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا باسكلار پىرېنېي تېغىنىڭ جەنۇبىدىن مۇشۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەنلىكتىن، شۇنام بېرىلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانكلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅸ ئەسىردە گاسكونى كىنەزلىكى شەكىللەنگەن. Ⅺ ئەسىردە ئاقۇتانغا تەۋە بولغان. 1154 - يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ زېمىنىگە ئايلانغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە 100 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، 1453 - يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.