Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گارشىن
دۇنيا تارىخى
加尔洵
jiā ěr xún
(1855 - 1888) روسىيىلىك يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئوفىتسىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتېربۇرگ كان ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1877) غا قاتناشقان. <تۆت كۈن>، <زاراڭزا>، <قورقۇنچاق>، <سەنئەتكار>، <سىگنال> قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى پاش قىلىپ، نارودنىكلارنىڭ كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شەخس پىداكارلىقى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن چىقىش يولى تاپالماي، روھى چۈشۈپ ئۈمىدسىزلەنگەن. 33 يېشىدا ئېلىشپ قېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.