Uyghurئاساسىي لۇغەت
گارفېلد
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1881) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1881 - يىلى 3 - 9 ـ ئايغىچە). جۇمھۇرىيەتچىلەردىن. ئوھىئو شىتاتىدىكى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا دېھقان، ياغاچچى ۋە كېمىچى بولغان. 1856 - يىلى ۋىليام ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مىسسىئونېر بولغان. 1859 - يىلى ئوھىئو شتاتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە فېدېراتىسيە قوشۇنىغا قاتنىشىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە گېنېرال مايور بولغان. 1863 - 1880 - يىللىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. مېتال پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تارايتىشنى تەشەببۇس قىلغان،مەمۇرىي ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە يۇقىرى تاموژنا سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1880 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پوچتا مىنىستىرلىكىنىڭ <يۇلتۇز ماركىلىق يولى كۆز بوياش دېلوسى> نى بىر تەرەپ قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 1881 - يىلى قەتل قىلىنغان.