Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گارىبالدى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
加里波第
jiā lǐ bō dì
دۇنيا تارىخى
加里波第
jiā lǐ bō dì
(1807 - 1882) ئىتالىيە مىلىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنقىلابىي دېموكراتلارنىڭ داھىيىسى، ھەربىي ئالىم. دېڭىزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 15 يېشىدىلا پاراخوتتا پراكتىكانت ماتروس بولغان. ماززېنىنىڭ تەسىرى بىلەن، ياش ئىتالىيە پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1834 - يىلى ساۋويىيە قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ساردىنىيە پادىشاھلىقى دېڭىز ئارمىيىسىنى قوزغىلاڭ قىلىشقا قۇترىتىپ، مەغلۇپ بولۇپ، فرانسىيىگە كېتىپ، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېيىن جەنۇبىي ئامېرىكىغا كېتىپ، برازىلىيە جەبۇبىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر قوزغىلىڭى (1835 - 1845) ۋە ئورۇگۋاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش ئۇرۇشى (1836 - 1848) غا قاتنىشىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشنىڭ مەشھۇر داھىيىلىرىدىن بولۇپ قالغانل. 1848 - يىلى ئىتالىيىدە ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. پىدائىي قوراللىق قوشۇن تەشكىللەپ، ئاۋسترىيىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1849 - يىلى 2 - ئايدا، رىم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 4000 كىشىلىك پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ، ۋېنېتسىيە ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن. پېمونتې ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. چەت ئەلدە كۆپ يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1853 ـ يىلى ھەرىكەت پارتىيىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئىتالىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1859 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، يەنە بىرقېتىم پىدائىيلار قوراللىق قوشۇنى - ئالىپ پىيادە ئەسكەرلەر پولكىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىپ، غەلىبىلىك ھالدا لومباردىيىگە يېتىپ بارغان. 1860 - يىلى 4 - ئايدا قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى تەشكىللەپ، سىتسىلىيە ئارىلى خەلق قوزغىلىڭىغا ياردەم قىلغان. 5 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سىتسىلىيىنىڭ مەركىزىي پالېرمونى ئازاد قىلغان ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي پۈتۈن سىتسىلىيىنى ئازاد قىلغان. 8 - ئايدا قوشۇننى باشلاپ مېسسىن بوغۇزىدىن ئۆتكەن، 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى نېئاپولنى ئىشغال قىلىپ، ئىسپانىيە بوربون خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئارقىدىنلا ساۋوپىيە پادىشاھلىقى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئازاد بولغان زېمىننى ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇپ بەرگەن. 1862 - ۋە 1867 - يىللىرى ئىتالىيەنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قېتىم پىدائىيلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، پاپانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رىمغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ئەمما مەغلۇپ بولغان. 1866 - يىلى ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتىنىشپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۋالغان. 1870 - يىلدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا پىدائىيلارنى باشلاپ فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرگەن. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن ھەمدە خەلق قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سىرتتىن سايلانغان. ئۇ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ۋە بىرلىكىئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.