Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گاراسانىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى加腊沙宁
jiā là shā níng
(1812 - 1874) سېربىيە باش ۋەزىرى (1852 - 1853، 1861 - 1867). 1834 - 1837 - يىللىرى تاموژنا ئەمەلدارى بولغان. 1837 - يىلىدىن باشلاپ كىنەز مىلوس ئوبرېنوۋىچنىڭ دائىملىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1842 - يىلى ۋوچىچ (1790 - 1859) قوزغىغان مىخائىلو ئوبرېنوۋىچ (1839 - 1842 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) غا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. ئىككى قېتىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. (1843 - 1852، 1858 - 1859)، باش ۋەزىر، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغاندا، سودا بۇرژۇئازىيىسىگە ۋاكالىتەن تاشقى سىياسەت پروگراممىلىرىنى تۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يۇگوسلاۋىيە رايونىنى سىبىرىيە پادىشاھلىق دۆلىتى ئاساسىدا ئازاد قىلىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1866 - 1867 - يىللىرى مونتېنېگرو، گرېتسىيە، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بالقان ئىتتىپاقى (1866 - 1868) نى تەشكىللىگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.