Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
甘蔗
خىمىيە,سودا,ئۆسۈملۈك
gān zhè
شېكەر قومۇشDيېزا ئىگىلىك
gān zhè
شېكەر قومۇشىDئورمانچىلىق
gān zhè
شىكەر قومۇشىDدېھقانچىلىق
gān zhè
شېكەر قومۇشىDباغۋەنچىلىك
gān zhè
شېكەر قۇمۇشىDئۇنىۋېرسال
gān zhè
شېكەر قومۇش
بىئولوگىيە
شېكەر قۇمۇش
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ؛ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك غولى يىرىك، توم، بوغۇملۇق بولىدۇ. بوغۇم ئارىلىقى پۈتەي كېلىدۇ، يېشىل، قارامتۇل قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ئوتتۇرا تومۇرى قېلىن ئاق رەڭلىك بولىدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى ئاق، چوڭ بولىدۇ؛ ئاساسىي گۈل ئوقىدا ئاق رەڭلىك يىپسىمان تۈكچىلەر ئۆسىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى كۆپ بوغۇملۇق بولىدۇ؛ باشاق ئوقى بوغۇمىدىن تەدرىجىي ئۈزۈلۈپ تۆكۈلىدۇ، بوغۇم ئارىلىقىدا ئۇزۇن، يۇمشاق تۈكچىلەر شالاڭ ئۆسىدۇ؛ كىچىك باشاقلىرى ھەرقايسى بوغۇملاردا جۈپ بولۇپ ئۆسىدۇ، بىرىنىڭ سېپى بولىدۇ، بىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ، مېۋىسىنىڭ شەكلى ئوخشاش بولىدۇ، تەركىبىدە ئىككى دانە كىچىك گۈلى بولىدۇ، پەقەت ئىككىنچى كىچىك گۈلىلا مېۋە بېرىدۇ، تۈۋىدىكى تۈكچىلىرى كىچىك باشاقنىڭ تۈكچىسىدىن 2 - 3 ھەسسە ئۇزۇن بولىدۇ؛ بىرىنچى قاسىراقنىڭ ئىككى يېنىدا قىرى بولىدۇ، دۈمبە تەرىپىدە تۈكچىلىرى ۋە قىلتىرىقى بولمايدۇ. ئۇ كىلىماتى مۆتىدىل ۋە كۈنگەي ئورۇننى خالايدۇ. شېكەر قومۇشى قەنتنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇنىڭ قىيامىدىن ھاراق ۋە ئىسپىرت ئېچىتىلىدۇ، سۈت كىسلاتاسى ياكى موم ئايرىۋېلىنىدۇ، ياكى ئىستېمال قىلىنىدۇ، غولىنىڭ ئۇچى ۋە يوپۇرماقلىرى يەم - خەشەك قىلىنىدۇ، شېكەر قالدۇقىدىن ئاۋاز توسۇق تاختىسى ياسىلىدۇ.