Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
感受器
بىئولوگىيە
رېتسېپتور
<سېزىم قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەم ۋە ھايۋان بەدىنىدىكى ھەرخىل غىدىقلاشلارنى سېزىدىغان بارلىق ئالاھىدە تۈزۈلۈشلەر ۋە فۇنكسىيە بىرلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ غىدىقلاشلىرى (تەسىرلىرى) نىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشكە بولىدۇ؛ (1) تاشقى رېتسىپتورلار، مەسىلەن، تېرە رېتسىپتورى، ئۇ بەدەننى يېقىن ئەتراپتىكى تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىش ئىنفورماتسىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ (2) ئارىلىق رېتسىپتورى، مەسىلەن، كۆز، قۇلاق، بۇرۇنلار بەدەنگە يىراقراق بولغان مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنفورماتسىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ (3) خاس رېتسېپتورلار مەسىلەن، مۇسكۇل، مۇسكۇل پېيى، بوغۇم (ئۈگە) ۋە دەھلىز (قۇلاقنىڭ) لەر بەدەننىڭ بوشلۇقتىكى ھەرىكىتى ۋە ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنفورماتسىيە (ئۇچۇر) لارنى تارقىتىدۇ؛ (4) ئىچكى رېتسىپتورلار، مەسىلەن، ئىچكى ئەزا رېتسىپتورى، ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىدىن كەلگەن ئىمپۇلسنى يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت غىدىقلاشنىڭ فىزىك - خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەنمۇ يورۇقلۇق، ئاۋاز، مېخانىكا، تېمپېراتۇرا، خىمىيە، ئوسموتىك بېسىم قاتارلىق رېتسىپتورلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. سېزىم ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ سۇبيېكتىپ ئەكس تەسۋىرى بولۇپ، ئاڭ بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ئوبيېكتىپ دۇنيانى پەقەت سېزىم ئارقىلىقلا بىۋاسىتە بىلەلەيدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
gǎn shòu qì
رېسېپتورDتەنتەربىيە
gǎn shòu qì
سەزگۈچ، رېتسىپتورDئادەم ئاناتومىيىسى
gǎn shòu qì
سېزىم قوبۇل قىلىش ئەزالىرى، رېتسېپتورلارDئادەم ئاناتومىيىسى
gǎn shòu qì
سېزىم قوبۇل قىلىش ئەزالىرى، رېتسىپتورلارDئۇنىۋېرسال
gǎn shòu qì
رېتسېپتور
Dمائارىپ
gǎn shòu qì
رېتسېپتورDتېببىي
gǎn shòu qì
رېتسېپتور، سېزىم قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى