Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
感觉野
پسىخولوگىيە
سەزگۈ ئورنى
(ياكى سەزگۈ دائىرىسى) بۇ يۇمىلاق شەكىل ياكى ھەر خىل شەكىلدىكى رايوندىن ئىبارەت. مەلۇم بىر غىدىقلىغۇچىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى مەخسۇس بىر نېرۋا ھۈجەيرىسى پەقەت مۇئەييەن بىر توپ سەزگۈ نېرۋىلىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇنداق مەخسۇس سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى توپى مەخسۇس نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ سەزگۈ ئورنى ( ياكى دائىرىسى) بولىدۇ. كۆزنىڭ تور پەردىسىدە 5 _ 6 مىليوندىن ئارتۇق ئۇچۇرسىمان ( كولبىسىمان) ھۈجەيرە ۋە 110 مىليوندىن ئارتۇق تاياقچىسىمان ھۈجەيرە بار، لېكىن نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسى پەقەت بىر مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ ئۇچۇرسىمان ھۈجەيرە بىلەن تاياقسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسى مەلۇم رايوندىكى بىر توپ ئۇچۇرسىمان ھۈجەيرە بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى (ئىنفورماتسىيىنى ) قوبۇل قىلدۇ. تور پەردىدىكى بۇ ئىككى خىل سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى توپى تۇرغان بۇ مەخسۇس رايون مۇشۇ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ سەزگۈ ئورنى ياكى سەزگۈ دائىرىسى بولىدۇ. سەزگۈ ئورنى «on» مەركىزىي تىپ بىلەن «off» مەركىزىي تىپقا بۆلۈنىدۇ. مىكرو ئېلېكترۇدنى نېرۋا تۈگۈنىنىڭ ئوقسىمان ئۆسۈكىگە سانجىپ قويۇپ ئىككى خىل رېئاكسىيىنى كۆزىتىش مۇمكىن: نۇر بەرگەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان رېئاكسىيە كۈچىيىدۇ (ئىمپۇلىس زىچلىقى ئاشىدۇ) بۇ «on»رىئاكسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. نۇر بەرگەندە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان رېئاكسىيە تورمۇزلىنىپ، لېكىن نۇرنى تارقاتقاندا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان رېئاكسىيە كۈچەيسە، بۇ «off» رېئاكسىيە دەپ ئاتىلىدۇ، on مەركىزىي تىپ سەزگۈ دائىرىسىنىڭ مەركىزىي قىسىمىدا on رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ چۆرىسىدە off رېئاكسىيە ھاسىل بولىدۇ؛ off مەركىزىي تىپ سەزگۈ دائىرىسىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ سەزگۈ دائىرىسى (ئورنى) بولۇپ قالماستىن، تاشقى يان تىزسىمان تەنچە بىلەن مېڭىنىڭ گەجگە بۆلىكى رايونىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭمۇ سەزگۈ ئورنى (دائىرىسى) بولىدۇ، تور پەردە نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ سەزگۈ ئورنى بىلەن تاشقى يان تىزسىمان تەنچىنىڭ سەزگۈ ئورنى يۇمىلاق بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ گەجگە بۆلۈكى رايونىدىكى ئاددىي ھۈجەيرىلەر، مۇرەككەپ ھۈجەيرىلەر ۋە ھەددىدىن ئارتۇق مۇرەككەپ تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ سەزگۈ ئورنىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى خىلمۇ خىل بولىدۇ، ھۈجەيرە قانچىلىك مۇرەككەپ بولسا، سەزگۈ ئورنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئۇلار قوبۇل قىلىدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇرلار (ئىنفورماتسىيەلەر) مۇ شۇنچە جىق بولىدۇ.