Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
钢铁工人大罢工
دۇنيا تارىخى
پولات - تۆمۈر ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى
1919 - 1920 - يىللىرىدىكى ئامېرىكا ئىشىچلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. 1919-يىلى 9-ئايدا پولات - تۆمۈر سانائىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى فوستېر رەھبەرلىكىدە ئون شتاتتىكى 50 شەھەرنىڭ 365 مىڭ نەپەر پولات - تۆمۈر ئىشچىسى قاتناشقان چوڭ ئىش تاشلاش پارتلىغان، ئۇلار ئىشچىلارنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتلىشىش ھوقۇقى مەسىلىسى، ئىشتىن بوشىتىلغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر كۈنى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ۋە ھەپتىدە ئالتە كۈنلۈك ئىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بۇ ھەقانىي تەلەپلەر كاپىتالىستلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ھۆكۈمەت كاپىتالىستلارنى قوللىغان ھەمدە زور تۈركۈمدە ئەسكەر ئەۋەتىپ پولات - تۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەركىزىي شەھەرلەردىكى ئىش تاشلىغانلارنى باستۇرغان، 22 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بىرقانچە يۈزلىگەن ئادەمنى يارىدار قىلغان، بىرقانچە مىڭ ئادەمنى قولغا ئالغان. ئىش تاشلاش مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كاپىتالىستلارنى 12 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، تۇرمۇش جەھەتتە مەلۇم ياخشىلىنىشلارنى قولغا كەلتۈرگەن.